2022-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﺍ, ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ﺷﯩﺦ ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ, ﺑﯘ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻨﯩﯔ 11-12-ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ, ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ, ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺯﻩﺭﺩﺍﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻼﺭ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ 5-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﺳﻠﻰ ﭘﯩﻼﻧﺪﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ ﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﮪﺎﯞﺍ-ﺭﺍﻳﻰ, ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﯨﻜﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﻪﮪﺪﯨﺖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ 1-2-ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﺋﯘ ﮪﺎﻟﺪﺍ, 2022-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ, ﻗﺎﺗﺎﺭ 2022-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ ﮪﻪﻳﺌﻪﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﮪﻪﺳﻪﻥ BBC ﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ: ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ, ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ, ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﺎ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ, ﻗﺎﻳﺴﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺴﯘﻥ, ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ, ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ, ﺩﯦﺪﻯ.
ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺯﻩﺭﺩﺍﺭ ﻛﯘﻟﯘﺑﻼﺭ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 5-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﭘﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ: ﻗﺎﺗﺎﺭﻧﯩﯔ 5-ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﮪﺎﯞﺍ ﺗﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﺳﻰ 40 ﺳﯧﻠﺴﯩﻴﻪ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ, ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺗﻮﭖ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ, ﺩﯦﮕﻪﻥ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﺎﻟﻤﺎﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ: ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻻﻳﯩﮭﻪ ﺑﺎﺭ, ﺑﯘﻻﺭ, 1-2-ﺋﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ 11-12-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. 1-2-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ, ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﻗﻮﻻﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﯩﺴﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ, ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻳﻪﻧﯩﻼ 11-12-ﺋﺎﻱ, ﺩﯦﺪﻯ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﯩﻨﻰ 11-12-ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ, ﻳﻪﻧﻪ 2013-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﯩ
Perfectly!